Muqeddes Kalam Bilim Toghrisida Némé Deydu? — Uni Hayatliqta Emeliyleshtürüsh — مۇقەددەس كىتاب سىناقى
تۆۋەندىكى ھەر بىر ئايەت نومۇرى ئۈچۈن، شۇ ئايەت نېمىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى تاللاڭ. نەتىجىڭىز ئاخىرىدا كۆرۈنىدۇ.
بۇ باھالىنىدىغان سىناق. ئۇنىڭدىن ئۆتسىڭىز خىزمەت تەستىقلاش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىش يولىدا نومۇر ھېسابلىنىدۇ.
پەند-نەسىھەتلەر 10:14 — دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ________ يېقىنلاشتۇرار.
خۇشاللىق
رەزىللىك
ھالاكەتكە
كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 8:1 — ئەمدى «________ ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ.
لەۋلىرى
بۇتلارغا
ئەزالىرى
كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 10:5 — بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ________ مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛
خۇرسەنلىك
نۆۋىتى
ئوي-خىياللارنى
ئەفەسۇسلۇقلارغا 6:17 — ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ ________ كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛
سىرىنى
دۇبۇلغىسىنى
نىيەتلىك
يەشايا 11:9 — مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى ________ دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.
سۇلار
دەريالارنى
كەلكۈن
يەرەمىيا 31:34 — شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ ________ چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
كىچىكىدىن
يىراقتىن
مىراسخور
فىلىپپىلىقلارغا 3:8 — مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى ________ دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى،
زىيانلىق
يېتىشنى
ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى
تىموتىيغا «2» 2:15 — ________ تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛
يۇلتۇز
مۆھۈر
ئۇستا
يەشايا 40:8 — ئوت-چۆپ ________، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!»
سولىشىدۇ
قايتىدۇ
ئۆلتۈرىدۇ
پەند-نەسىھەتلەر 2:3 — ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ________ يېلىنساڭ،
كۈچ-قۇدرەت
غەزىپى
ئاۋازدا
پەند-نەسىھەتلەر 2:4 — ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، ________ گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ،
ئېزىپ
يوشۇرۇن
ئاچ
كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 10:4 — چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە ________ قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛
ئازاب
ئاچ
تەۋە
← ئوقۇشقا قايتىش